يالغۇز ئارال
ئاينىڭ نۇرى چۈشكەن بۇ ئارال،
شۇنچە تىمتاس مەن يالغۇز بۇ يەردە.
قۇياش نۇرىنىڭ بەرىكىتى يوق ئەسلا،
تۇرغان بولساممۇ قۇياشنىڭ ئاستىدا.
گەرچە ئۆتكەن بولساممۇ تاغ جىلغىلاردىن،
گەرچە ئۆتكەن بولساممۇ دەريا ئېقىنلاردىن.
قۇچاقلاپ گىتتارنى يالغۇز ئارالدا.
تاغلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندە، دەريا ئۆركەشلەپ كەلگەندە،
مەن يالغۇز مەن يالغۇز…
تاغلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندە، دەريا ئۆركەشلەپ كەلگەندە،
مەن يالغۇز مەن يالغۇز…
شامنىڭ يورۇقىدا سۈرەتلىرىڭگە قاراپ،
ئۆتتى ۋاقىتلار قانچە يىللار شۇ چاغلارنى ئويلاپ.
ياغقان يامغۇر سۈرتەلمىدى يۈرەكتىن ئاققان ياشنى،
قۇچاقلاپ گىتتارنى يالغۇز ئارالدا.
تاغلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندە، دەريا ئۆركەشلەپ كەلگەندە، مەن يالغۇز مەن يالغۇز…
تاغلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندە، دەريا ئۆركەشلەپ كەلگەندە، مەن يالغۇز مەن يالغۇز…

阅读剩余 0%
本站所有文章资讯、展示的图片素材等内容均为注册用户上传(部分报媒/平媒内容转载自网络合作媒体),仅供学习参考。 用户通过本站上传、发布的任何内容的知识产权归属用户或原始著作权人所有。如有侵犯您的版权,请联系我们反馈本站将在三个工作日内改正。