ئۇ مەلەمدىن بۇ مەلەڭگە
ئويناي دەپ كەلدىم
مەيلىڭ بارمۇ مەيلىڭ يوقمۇ ؟
بىلەي دەپ كەلدىم
قارا دەيدۇ ، قارا دەيدۇ
قارا مەندە يوق
قارا مۇقنىڭ قاسراقىدەك
گۇناھ مەندە يوق
ئۇ مەلەمدىن بۇ مەلەڭگە
ئويناي دەپ كەلدىم
مەيلىڭ بارمۇ مەيلىڭ يوقمۇ ؟
بىلەي دەپ كەلدىم
ئۇ شەھىرىمدىن بۇ شەھىرىڭگە
سېنى دەپ كەلدىم
ياخشى دەمسەن ؟ يامان دەمسەن ؟
سىناي دەپ كەلدىم
قارا دەيدۇ ، قارا دەيدۇ
قارا مەندە يوق
قارا مۇقنىڭ قاسراقىدەك
گۇناھ مەندە يوق
بارغىن دەيدۇ ، يانغىن دەيدۇ
مەيلىم ئۆزەمنىڭ
سەكسەن قامچا ئۇرغان بىلەن
يايرىم ئۆزۈمنىڭ
ئۇ شەھىرىمدىن بۇ شەھىرىڭگە
سېنى دەپ كەلدىم
ياخشى دەمسەن ؟ يامان دەمسەن ؟
بىلەي دەپ كەلدىم
قارا دەيدۇ ، قارا دەيدۇ
قارا مەندە يوق
قارا مۇقنىڭ قاسراقىدەك
گۇناھ مەندە يوق
بارغىن دەيدۇ ، يانغىن دەيدۇ
مەيلىم ئۆزەمنىڭ
سەكسەن قامچا ئۇرغان بىلەن
يايرىم ئۆزۈمنىڭ
سەكسەن قامچا ئۇرغان بىلەن
يايرىم ئۆزۈمنىڭ
يايرىم ئۆزۈمنىڭ
Karadaidu
阅读剩余 0%
本站所有文章资讯、展示的图片素材等内容均为注册用户上传(部分报媒/平媒内容转载自网络合作媒体),仅供学习参考。
用户通过本站上传、发布的任何内容的知识产权归属用户或原始著作权人所有。如有侵犯您的版权,请联系我们反馈本站将在三个工作日内改正。