ئۇلۇغ دىسە ئۇلۇغلۇقسەن
قامۇسلاردىن ئىزدەيسەن
تارىخ بەتلىرىنى بىر–بىرلەپ ۋاراقلاپ
ئۇنى تاپماقچى بولىسەن
كونا ئىزلار يىلتىزلىرىدىن
كولاپ قازماقچى بولىسەن
ئۇلۇغ دىسە شاھ تاجىقىنى
كۆرسىتىپسەن قارايسەن
ئۇلۇغ ئىنسان يىنىڭدىلا
ئۇ قەلبىڭدە مىھرىڭدە
مەڭگۇلۇك مۇھەببىتىڭدە
بالىلىق قەرزىڭدە
ئويلاپ باققىن ئانىلار بىزنى
ئاق سۇت بىرىپ باققان
بىزنىڭ سۇيىمىزدە ئاققان
تاتلىق بالام،جان بالام،ئاپپاق بالام
دەپ ئەركىلىتىپ
بىزنى ھەر دائىم ھەر ۋاقىت يۇرەكىگە ياققان
ئانىدەك پەرزەنىت ئۇچۇن،ئانىلىق ئەقىدىسى
پەزىلىتى ئۇچۇن ئۆزىنى ئاتىيالايدىغان
يەنە بىر ئىنسان يوق
تاغ بولۇپ باشقىلارنى مەڭگۇ كۆتۇرەلەيدىغان
باغ بولۇپ باشقىلارنى كۆكلىتەلەيدىغان
ئىنسان يوق
ئادەمنىڭ ئادەم چىرايلىق دىگەن نامى ئانا بىلەن
تۆت تامنىڭ ئائىلە دىگەن مۇقەددەس نامى
ئانا مىھرى بىلەن
شۇڭا دەيمەن ئانا مىھرىگە مىلەنمىگەن ئادەم يوق
ئانا ئەجرىگە قەرزدار بولۇپ باقمىغان ئىنسان يوق
شاھلىق دەۋرىدە ھۆكۇمران سۇرگەن
پادىشاھمۇ ھۆكۇمرانمۇ
سۆيۇملۇك ئانىلارنىڭ
ئەجىر –مىھنىتىدە قوپۇرۇلغان
ئالىم دەپ ئاتالغاننىڭ قابىليىتىمۇ ئەقلىمۇ
پاك مۇقەددەس ئانىلارنىڭ زىھنى تاراملاپ ئاققان
شەرەپ مۇنبىرى،شۆھرەت مۇنبىرى
شۆھرەت قازانغاننىڭ ئالقىشلىق يولى
ئانا تىلىكىدە ئىچىلغان
ئانا ئەقىدىسىدە يارالغان
مەيلى ئەۋلىيا ياكى بولغىن شاھ
ئانىنىڭ ئالدىدا سەن تىزلان سالامغا
ئانا پەقەت تىلەيدۇ پەرزەنىت بەختىنى
بۇيۇكلۇك،ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭ جىسمىدا
مەيلى ئەۋلىيا ياكى بولغىن شاھ
ئانىنىڭ ئالدىدا سەن تىزلان سالامغا
ئانا پەقەت تىلەيدۇ پەرزەنىت بەختىنى
بۇيۇكلۇك،ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭ جىسمىدا
ئانىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى ئۇلۇغ
ئۇنىڭ يەنە بىر ئىسمى
ئانا ئۇ ھايات ئىتىزى
مىھنەت دىڭىزى،ئۆمۇر يىلتىزى
پۇتۇن ئالەمدىكى سۆيگۇ مۇھەببەتنىڭ
ئەڭ گۇزەل گۇلتاجى
توققۇز ئاي،توققۇز كۇن تاغ كۆتۇرسە
تاغمۇ ئىگىلگۇدەك
ئىككى قات يۇرۇپ ئاناپەقەت بىر بالىنى تۇغمايدۇ
ھەم ھەممىنى ئانىلىق مىھرىدە سۆيۇملۇك بالام دەپ بىلىپ
بۇ ئۆمرىدە پەقەت بىر بالىغىلا ھاياتلىق يولى ئاچمايدۇ
ھەر بالىنى بالام دەپ بىلىپ،ئىستىقبال يولىغا باشلايدۇ
شۇڭا ھەر بالا يىغلىسا ئۇنىڭ يۇرىكى چىدىمايدۇ
بالا تەختىنىڭ ئانا باغرىدا ئىكەنلىكىنى ئانا ئەڭ بىلگەن
بالا تەختىنىڭ ئانا مىھرىدە ئىكەنلىكىنى ئانا ئەڭ سەزگەن
بالا دىسە ئانا چىدىمايدۇ،يىغىدىن يۇرۇكىنى توختىتالمايدۇ
يۇرىكى جايىدا تۇرمايدۇ
ئەگەر بىر پارچە لاتا تاپسا بالامغا دەپ ئۆلچەيدۇ
شۇنى ئۇنۇتما بۇرادەر
ئانىلىق تەن ساڭا يىقىن
ئانىلىق نامى سىنىڭ جىنىڭ،سىنىڭ تەختىڭ
سىنىڭ بەختىڭ
ئىسىڭدىن ھەرگىز چىقارما
بەختىڭ ئۇچۇن ئۇنى قەدىرلە،چۇنكى ئۇ ھايات يىلتىزىڭ
پۇتۇن دۇنيادىكى ئۇلۇغ ئانىلارمەڭگۇ تائەبەت ياشاپ كىتىڭ
مەيلى ئەۋلىيا ياكى بولغىن شاھ
ئانىنىڭ ئالدىدا سەن تىزلان سالامغا
ئانا پەقەت تىلەيدۇ پەرزەنىت بەختىنى
بۇيۇكلۇك،ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭ جىسمىدا
مەيلى ئەۋلىيا ياكى بولغىن شاھ
ئانىنىڭ ئالدىدا سەن تىزلان سالامغا
ئانا پەقەت تىلەيدۇ پەرزەنىت بەختىنى
بۇيۇكلۇك،ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭ جىسمىدا
سەن ئەقىل كۆزۇڭدە
سانىساڭلا قانداق كۆرۇشنى بىلەلەيسەن
شۇڭا دەيمەن
مەڭگۇلۇك مۇھەببەتنى سەن ئانىدىن سورا
ھەر يۇرەككە تەڭ كۆيەي،ھەر يۇرەكنى چىن دىلىمدىن
مەڭگۇ تائەبەت سۆيەي دىسەڭ ئانىلارنى دورا
مىڭ قىتىم ئۆلۇپ تىرىلگەن سۆيۇملۇك ئاناڭ
سەن ئۇچۇن
كىشىلەر ئالدىدا
مىڭ قىتىم يۇكۇنگەن ئاناڭ سەن ئۇچۇن
سۆيۇملۇك ئاناڭ سەن ئۇچۇن
چىراي سارغايتىپ،تەقدىرگە ياش تۆكۇپ
مىڭ قىتىم،ئون مىڭ قىتىم
يىلىنغان ئاناڭ سەن ئۇچۇن
ئۇ ئاناڭ ،سىنىڭ ئاناڭ
ئوچاقلىرىڭدا سىنى دەپ كۆيگەن
قازانلىرىڭدا سىنى دەپ
تونۇلۇرۇڭدا سىنى دەپ
ناندىن بۇرۇن پىشىپ چىققان
ئۇ ئاناڭ ،سىنىڭ ئاناڭ
جان بالام دەپ ئاققان
سەن بىلىسەن،چوقۇم بىلىسەن
سەن ئۇنىڭ مۇھەببەت مىۋىسى
،سەن ئۇنىڭ ھايات يولىغا يىقىلغان
ئۇمۇت چىرىغى
شۇڭا ھەممىنى ساڭا بىغىشلىسام
ھەممىنى ساڭا بەرسەم دەيدۇ
نۇرانە چىھرىڭنى كۆرسەم دەيدۇ
ئاڭلا،
ئانا مۇھەببىتىنىڭ
مىڭدىن بىرىنى قايتۇرالمايسەن
ئانىلىق پىداكارلىق بىغىشلاشنىڭ
مىڭدىن بىرىنى چىقىرالمايسەن
مىڭدىن بىرىنى بىرەلمەيسەن
سەن ئاناڭغا ئازراق زىھنىڭنى
ئازراق ۋاقتىڭنى ئاجرىتالمايسەن
يۇرۇكۇمنىڭ چەكسىز پۇشايمان ئىچىدە قايغۇردىغىنىنى
ۋىجدانىمنىڭ ئۆزىنى تۇتالماي ياش تۆكۇپ
ساڭا نىدالايدىغىنىنى
سەنمۇ ئانا بولىسەن،سەنمۇ ئانا بولىسەن
كۆرۇنگەن تاغ يىراق ئەمەس
بىشىڭغا كەلگەندە چۇشىنىپ قالىسەن
سۆيۇملۇك ئاناڭنى بىلىپ يىتىسەن
بالا ئالدىدا سەنمۇ مۇھەببەت تورىغا ئىلىنىسەن
مەيلى ئەۋلىيا ياكى بولغىن شاھ
ئانىنىڭ ئالدىدا سەن تىزلان سالامغا
ئانا پەقەت تىلەيدۇ پەرزەنىت بەختىنى
بۇيۇكلۇك،ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭ جىسمىدا
مەيلى ئەۋلىيا ياكى بولغىن شاھ
ئانىنىڭ ئالدىدا سەن تىزلان سالامغا
ئانا پەقەت تىلەيدۇ پەرزەنىت بەختىنى
بۇيۇكلۇك،ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭ جىسمىدا
Ana
阅读剩余 0%
本站所有文章资讯、展示的图片素材等内容均为注册用户上传(部分报媒/平媒内容转载自网络合作媒体),仅供学习参考。
用户通过本站上传、发布的任何内容的知识产权归属用户或原始著作权人所有。如有侵犯您的版权,请联系我们反馈本站将在三个工作日内改正。